نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1763028
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېر ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ۋاسۇ ئابىدوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق كىشىلەر نىگېر ئۆلكىسىنىڭ ناقۇندنا يېزىسىدا دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇمدىن كېيىن يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، رايونغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن ۋە تەكشۈرۈش باشلانغان.

نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا 37 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر