مېكسىكادا يانار تاغ پارتلىدى

مېكسىكانىڭ ئەڭ ئاكتىپ ياتار تېغى پوپوكاتېپېتلدە بىر كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى.

1763072
مېكسىكادا يانار تاغ پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا يانار تاغدىن ھاۋاغا پۈركۈلگەن كۈل بۇلۇتلىرى ۋە لاۋالار كىلومېتىرلارچە يىراقلىقتىن كۆرۈلگەن.

پارتلاشنىڭ تەسىرىدە كىچىك كۆلەملىك ۋولقانسىمان يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

دائىرىلەر، كۈل ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر