شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.
1762784
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر ماگدالېنا ئاندېرسون «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۆيىدە ئارام ئېلىشقا باشلىغان.
تۈنۈگۈنمۇ پارلامېنت يىغىنلىرىغا قاتناشقان يېشىللەر پارتىيەسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى پېر بولۇند ۋە مەركەز پارتىيەسى رەھبىرى ئاننې لوفنىڭ، «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.