ب د ت مالى ھۆكۈمىتىدىن دېموكراتىيەگە ئۆتۈش باسقۇچىنى تېزلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش مالىدا 2021 – يىلى مايدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھەربىي ھۆكۈمەتتىن دېموكراتىيەگە ئۆتۈش باسقۇچىنى تېزلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، مالىدا ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلاملارنى كېچىكتۈرۈشىنىڭ قاتتىق ئەندىشە مەنبەسى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالى ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام توغرۇلۇق مۇۋاپىق ۋاقىت توختىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، سايلملارنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى توغرۇلۇق مالى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاقە ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مالى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيەگە ئۆتۈش باسقۇچىنى تېزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەم قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ۋاقىت توختىتىشىغا زېمىن ھازىرلىنىشى ئۈچۈن، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمەن. غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى دائىرىلىرى، مالى ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان سايلام ۋاقتى بېكىتكەن ۋە بۇ ھەقتە قەدەم تاشلىغان تەقدىردە، ئېمبارگولارنىڭ تەدرىجىي ھالدا بىكار قىلىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.»