ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قازاقىستانلىق  مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلۇبەردى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1762173
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قازاقىستانلىق  مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئابدۇللاھيان بىلەن تىلۇبەردى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە رايون تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئابدۇللاھيان قازاقىستاندىكى مالىمانچىلىق باشلانغاندىن بېرى ۋەزىيەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  قازاقىستاننىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تىلۇبەردىمۇ قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋنىڭ ئىران زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىران بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن موھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

تىلۇبەردى يەنە ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسىنى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان قازاقىستان خەلقئارا يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر