ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۇرغان پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان راماللاھ شەھىرىدە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان 80 ياشلىق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

1761265
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۇرغان پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راماللاھ شەھىرىگە قاراشلىق جەلجىلىيە رايونىنىڭ مەسئۇلى فۇئاد فاتتۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گالگاليا يېزىسىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئۆمەر ئابدۇلمەجىد ئەسەد ئىسىملىك 80 ياشلىق پەلەستىنلىكنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغاندىن كېيىن قولغا ئالغان، ئاندىن ئۇنى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ كەتكەن. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كەتكەندىن كېيىن، يېزا ئاھالىسى تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پەلەستىنلىك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر