ھاماس رۇسىيەدىن پەلەستىن سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىشى تەكلىپى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ھاماس رۇسىيەدىن پەلەستىن يارىشىش سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىش تەكلىپى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1761106

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ئەزاسى، قوشۇمچە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل ئەمەلدارى مۇسا ئەبۇ مەرزۇق، رۇسىيەدىن پەلەستىن يارىشىش سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىش تەكلىپى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئەبۇ مەرزۇق «ئەقسا» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بېرىپ، ئۆزى مەنسۇپ بولۇۋاتقان بۇ ھەرىكەت (ھاماس) پەلەستىننىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقى ۋە تىنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تەكلىپنى رەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەبۇ مەرزۇق بۇ تەكلىپكە ئاۋاز قوشۇشلىرىنىڭ بىردىنبىر شەرتىنىڭ «پەلەستىن خەلقىنىڭ تەۋرەنمەس پىرىنسىپلىرىنىڭ ھېچبىرىدە قەتئىي يول قويماسلىق ۋە ھەقىقىي سىياسىي ئىشتىراك بولۇشى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەلەستىن ھاكىمىيىتى بىلەن فەتىھ ھەرىكىتىنى ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان ئەبۇ مەرزۇق، فەتىھ ھەرىكىتىنىڭ ئالجىرىيەنىڭ پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ سۆھبەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بۇ چاقىرىقىغىمۇ ھازىرغىچە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېتسىيە ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئان لىندە (Ann Linde) ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى.