شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1760593
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ قۇرۇقلۇققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە باللىستىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ياپون دېڭىزىغا قاراپ شۇ جاي ۋاقتى 07:27 ئەتراپىدا قويۇپ بېرىلگەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، «باللىستىك دەپ قارالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا» توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھېچقانداق پاراخوت ۋە ئايروپىلان بايقالمىغان.

بۇ سىناقنى «تەلەيسىزلىك» دەپ ئاتىغان ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئ، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، ھەمدە رايوندا كېلىپ چىققۇسى زىياننى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلارغا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

شىمالىي كورېيە، 5-يانۋار كۈنى، «ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى» جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر