بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا خىتاي قاتارلىق ئۈچ دۆلەتكە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا سېربىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئۈچ دۆلەتكە دىپلوماتىك ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.

1760354
بوسنىيە -  گېرتسېگوۋىنا خىتاي قاتارلىق ئۈچ دۆلەتكە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە -  گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىسېرا تۇركوۋىچ، بانژا لۇكادا قانۇنسىز شەكىلدە تەبرىكلەنگەن «9 – يانۋار سېرب جۇمھۇرىيىتى بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ۋەكىل ئەۋەتكەن رۇسىيە، خىتاي ۋە سېربىيەگە دىپلوماتىك ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلغانلىقىنى؛ ئۇلتىماتومدا، بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە رەسمىي يوسۇندا ئىشتىراك قىلىشنىڭ بوسنىيە -  گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر ئارىلىشىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇلتىماتومدا، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار قارارىغا ئورۇن بېرىلىپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ بوسنىيە -  گېرتسېگوۋىنا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ بانژا لۇكا شەھىرىدە تۈنۈگۈن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولۇشىغا قارىماي، «9 - يانۋار سېرب جۇمھۇرىيىتى» بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە سېربىيە پارلامېنت باشلىقى ئىۋىكا داچىچ، سېربىيە باش مىنىستىرى ئانا بربانىچ، ھەمدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سارايېۋودىكى باش ئەلچىلىرى قاتناشقانىدى.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى، 2015 - يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى باكىر ئىزېتبېگوۋىچنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، «سېرب جۇمھۇرىيىتى» بايرىمىنى تەبرىكلەشنى «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ» دەپ جاكارلىغان؛ قاراردىن كېيىن، سېرب جۇمھۇرىيىتى خەلق پارلامېنتى 2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 – كۈنى «9 – يانۋار سېرب جۇمھۇرىيىتى» بايرىمىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، ئەمما بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى، بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان ھەمدە بۇ بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر