پاكىستاندا قار ۋە قاتتىق يامغۇر ئاپەتلىرىدە 13 كىشى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ۋە بالۇچىستان ئۆلكىلىرىدە قار ۋە قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتلەردە 13 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 13 كىشى يارىلاندى.

1759492
پاكىستاندا قار ۋە قاتتىق يامغۇر ئاپەتلىرىدە 13 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەيبەر پاختونخۋانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا قار ۋە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن يوللار ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ، نۇرغۇن ئۆيلەر يېقىلىپ چۈشتى.

قار ۋە يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت ۋە ھادىسىلەردە ئۇپەر دىردا 6 كىشى، خەيبەردە 3 كىشى، مارداندا 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 13 كىشى يارىلاندى.

بالۇچىستاننىڭ ئۇتال رايونىدىمۇ قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 3 كىشى قازا قىلدى.

قار ۋە قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ماررى شەھىرىدە تۈنۈگۈن قاتتىق قار يېغىشى سەۋەبىدىن ئاپتوموبىلىدا قىسىلىپ قالغان 23 كىشى مۇزلاپ قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر