خىتايدا تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يەرلىك مەنبەلىك ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى

خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئامىكرون ۋارىيانتى  تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى.

1759536
خىتايدا تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يەرلىك مەنبەلىك ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تيەنجىن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يىڭ شەھەردە بايقالغان 2 دېلونىڭ ئەۋرىشكىسىدە كوۋىد-19 نىڭ «BA.1 ئۆزگىرىشى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان يەرلىك مەنبەلىك ئومىكرون ۋارىيانتى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

يەرلىك مەنبەلىك يۇقۇملىنىشلار سەۋەبىدىن تەخمىنەن 13 مىليون 800 مىڭ نوپۇسقا ئىگە شەھەردە، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07: 00 ئۆتكەندىن دىن تارتىپ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش يولغا قويۇلىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر