ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا، خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ، خىتاينىڭ رايوندىكى «قانۇنىي تەرتىپنى بۇزۇش» ھەرىكەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە كۈچلۈك ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىشى نوبوۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويد ئوستىن ئىنتېرنېت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يىغىننىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق قىسمىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە تولۇق بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە باشلامچىلىقى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئىتتىپاقنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى نۇقتىسىدىن ئۇل تېشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ قانۇنغا تايانغان خەلقئارالىق تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان دۆلەتلەرگە قارشى ھەم تۈزۈملىرىنى كۈچەيتىشى ھەمدە زورىيىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارشى يېڭى تۈزۈملەرنى چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە خىتابنامەگە ئاساسلانغاندا، رەھبەرلەر خىتاينىڭ رايوندىكى «قانۇنىي تەرتىپنى بۇزۇش» ھەرىكەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە كۈچلۈك ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
شەرقىي دېڭىزدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىغا نىسبەتەن ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سالىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.
شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىغا نىسبەتەن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان مىنىستىرلار، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسىزلىنىشى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى تەكرارلىدى.
يىغىندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا بەش يىللىق ساھىبخان دۆلەت ياردىمى قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ئىمزالاندى. جەمئىي 1.05 تىرىلىيون يېن (9 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى ساھىبخان دۆلەت ياردىمى 2022-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ بەش يىل كۈچكە ئىگە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئائىلە قورو بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي رايونلىرىدا ئىككى ئائىلە قورۇ بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى.