ئىران يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە باش سۆھبەت ۋەكىلى ئەلى باكىرى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن يادرو سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
1757917
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگنېتلىقى —IRNA، باش سۆھبەت ۋەكىلى باكىرىنىڭ يادرو سۆھبىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا رۇسىيە، خىتاي، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋەكىللىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە سىياسىي دىرېكتورى ئېنرىك مورا بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى ۋە ۋە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن باكىرى، سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازالارنىڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە بىكار قىلىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «سۆھبەت ئىجابىي يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ جازانى بىكار قىلىشتىكى ئەستايىدىللىقى، بولۇپمۇ ئىران ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللەش ۋە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزملىرىنى قوبۇل قىلىشى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
يادرو كېلىشىمىنىڭ يېڭىدىن تولۇق مەنىدە ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېلىشىمگە قايتىپ كېلىشىنى تېما قىلغان يادرو سۆھبەتلىرى رۇسىيە، خىتاي، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلمەكتە.
سۆھبەتكە ۋاسىتىلىك ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن ۋەدىسىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، تېھران، يادرو كېلىشىمىدىن ئايرىلغان تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ كېلىشىمگە قايتىپ، ئىمبارگولارنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.