ئىراقتا 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئىراقتىكى 12 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 20 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

1756994
ئىراقتا 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ساقچىلىرى بىر مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن بابىل شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى؛ ئۆيدىكىلەرنىڭ ساقچىلارغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئائىلىدىن 12 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش، مەلۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئاساسسىزلىقىنى ۋە مەلۇم قىلغۇچىنىڭ قازاغا ئۇچرىغان ئائىلىنىڭ كىيئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمى يالغان  بىخەتەرلىك ئۇچۇرىغا ئاساسەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ھەرىكەتكە قاتناشقان ساقچى باشلىقى قاتارلىق 14 ساقچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق تاراتقۇلىرى تەكشۈرۈشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تارقاتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەلۇم قىلغۇچىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بىر ئوفېتسىرى بولۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قىيىنئاتىسى ھەققىدە «زەھەرلىك چېكىملىك سودىگىرى ئىكەنلىكى، ئۆيىدە تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى» توغرىسىدا يالغان دېلو مەلۇم قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر