بلىنكېن ناتونىڭ شەرقىي قانىتى ئەللىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن  «بۇخارېست 9 دۆلەت گۇرۇھى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قانىتى ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1756732
بلىنكېن ناتونىڭ شەرقىي قانىتى ئەللىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي قانىتى دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىنى بويلاپ قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئاممىۋى مۇداپىئە ئۈچۈن تەييارلىق پائالىيەتلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشىغا قارىتا تۇغۇلۇۋاتقان ئېھتىياج ۋە ئورتاق ئەندىشە مەسىلىلىرىدە، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ھەمكارلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، بلىنكېن، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى مۇداپىئە ۋە دىيالوگ ئارقىلىق پەسەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمراھلىرىمىز بىلەن قويۇق مەسلىھەت ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ قېلىش ئەھدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.»

بىر قىسىم ئەزالىرىنى، بۇلغارىيە، چېخىيە، ئېستونىيە، ۋېنگىرىيە، لاتۋىيە، لىتۋانىيە، پولشا، رۇمىنىيە ۋە سلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەشكىل قىلىدىغان «بۇخارېست 9 دۆلەت گۇرۇھى»، 2015 – يىلى 4 – نبر كۈنى، رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارېستتا قۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر