ئامېرىكانىڭ تېكسېركانا شەھىرىدە ئاسماندىن بېلىق ياغدى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى تېكسېركانا (Texarkana) شەھىرىدە ئاسماندىن بېلىق ياغدى.

1756170
ئامېرىكانىڭ تېكسېركانا شەھىرىدە ئاسماندىن بېلىق ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى تېكسېركانا (Texarkana) شەھىرىدە ئاسماندىن بېلىق ياغدى.

تېكسېركانا شەھەر ئاھالىلىرى رايوندا قاتتىق چاققان چاقماق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقلىرىنى ۋە ئارقىدىن شىددەتلىك يامغۇر ياغقانلىقىنى بىلدۈردى.

يامغۇردىن كېيىن يەردە ياتقان بېلىقلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى.

«ئاسماندىن بېلىق ياغقان» ۋەقەلەرنىڭ، دېڭىزدا چىققان قۇيۇن سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #بېلىق , #ئاسمان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر