ئامېرىكادا ئىككى  يەھۇدىي گۇرۇپپا بىر- بىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە پراۋسلاۋىيە يەھۇدىيلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان ئىككى گۇرۇپپا بىر- بىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1756035
ئامېرىكادا ئىككى  يەھۇدىي گۇرۇپپا بىر- بىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برۇكلىنغا يىغىلغان پراۋسلاۋىيە يەھۇدىيلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەىسىگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ شوئارلار توۋلىدى.

پراۋسلاۋىيە يەھۇدىيلىرىغا بىر تۈركۈم پەلەستىنلىك نامايىشچىلارمۇ قوشۇلدى ۋە پەلەستىنگە ھەمكارلىشىش چاقىرىقىدا بولدى.

پراۋسلاۋىيە يەھۇدىيلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرىنى ۋە زىئونىزمنىڭ يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان نامايىشچىلار بولسا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى قوللاپ شوئارلار توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر