سۇدان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھامدۇك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

سۇدان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھامدۇك دۆلىتىنىڭ خەتەرگە ئىتتىرىلمەسلىكى ۋە خەلقنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1755923
سۇدان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھامدۇك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھامدۇك دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «سۇدان خەلقىنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلدىم» دېدى.

ئۇ دۆلەتنىڭ خەتەرگە ئىتتىرىلمەسلىكى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «سۇدان ئىنقىلابى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ سۇداننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزىتىلمىسە مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەمما نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سۇداندا ئارمىيە 25-ئۆكتەبىر (2021) ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان كىشىلەر شۇ كۈندىن تارتىپ ئەسكەرلەرنىڭ بازىلىرىغا قايتىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. نامايىشلاردا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەردە 54 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

سۇدان ھەربىي ھۆكۈمىتى 2023-يىلى ئىيۇلدا سايلام ئارقلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە ھاكىمىيەتتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر