يەمەندە 130 مىڭ كۆچمەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج
خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى 130 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەمەندىكى ياردەمگە مۇھتاج كۆچمەنلەرگە ساغلاملىق، قوغدىنىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن ياردەم بېرىلگەنلىكى، بۇ ياردەملەرنىڭ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ياردەملىرى سايىسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ دۆلەتتىكى 130 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، يەمەن، بولۇپمۇ ئېفىيوپىيە ۋە سومالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا تۇمشۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۆتمەكچى بولغان ئافرىقالىك تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ يولى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.
ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەن، تەخمىنەن 7 يىلدىن بۇيان ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.