خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە 950 قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
بۇ يىل (2021) خىتاي ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەن ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا 950 قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1754800

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ANI نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىلىرى تەيۋەن ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا 950 قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەن بولۇپ، بۇ سان 2020- يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60 ئارتۇق ئىكەن.