بلىنكېن فىرانسىيە،  گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېلىزابېت تراس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1754626
بلىنكېن فىرانسىيە،  گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايسنىڭ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يېن يۋېس لې درىئان، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېلىزابېت تراس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى «تاجاۋۇزچىلىقى» ئالدىدا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن، بۇ مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن تەقدىردە، بۇنىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان.

مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە داۋاملىق ئۇكرائىنا تەرەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان مىنىستىرلار، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى تېزلەشتۈرۈشىگە قارىتا ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمى ئالدىدا لىتۋانىيە بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىرلار، لىۋىيەنىڭ دەرھال مەملىكەتلىك سايلام ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقلىرى  توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر