سۇداندا ئالتۇن كانى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 31 كىشى قازا قىلدى
سۇداننىڭ غەربىي كۇردۇفان ئۆلكىسىدە بىر ئالتۇن كانىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 31 كىشى قازا قىلدى.
1754030

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلكىنىڭ شىمالىدىكى فوجا رايونىدا ئەنئەنىۋى قۇدۇق ئۇسۇلى بىلەن ئالتۇن چىقىرىلىدىغان ئۇممۇ درىساي ئالتۇن كانى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كاندىن 31 خىزمەتچىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغانلىقى، 1 كىشىنىڭ يارىدار ھەلەتتە قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى ۋە 8 كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.