ئافغان بالىلار ئائىلىسىز ئامېرىكاغا ئېلىپ كېتىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئافغانىستانلىقلار ئارىسىدا ئائىلىسىز ئېلىپ كېتىلگەن تەخمىنەن 1450  ئافغان بالا بار.

1753394
ئافغان بالىلار ئائىلىسىز ئامېرىكاغا ئېلىپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبانلارنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىشىدىن كېيىن، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستان پۇقراسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سەھىيە ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەتلەر مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 1450 ئافغانىستانلىق بالا يېنىدا ئائىلىسى بولماستىن بۇ دۆلەتكە ئېلىپ كېتىلگەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارقاقلاشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى قوللىغۇچىلار ۋە باشقا تۇغقانلىرى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن، تەخمىنەن 250 بالا يەنىلا دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، تارقاقلاشتۇرۇلغان بارلىلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ بولالمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بالىلارنىڭ بىر قىسمى قالايمىقانچىلىق مۇھىتى ئاستىدا تارقاقلاشتۇرۇلۇش جەريانىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلغان، بەزى ئائىلىلەر بولسا، ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر