كەتابىئى ھىزبۇللاھ ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىدىن ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىراقلى قوراللىقلىرىدىن تەشكىل تاپقان كەتائىبى – ھىزبۇللاھ (ھىزبۇللاھ بىرىگاداسى)، 10 - ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى كابىنېتقا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1753539

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەتائىبى ھىزبۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «ئىراق خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى مۇسادىرە قىلغانلار، زىئونىست (ئىسرائىلىيە) – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى - سەئۇدى ئەرەبىستان ئىتتىپاقىدىن ياردەم ئالغانىدى» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىراق مۇستەقىل يۇقىرى سايلام كومىتېتىنىڭ سايلامنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىدا مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىغا دۇچار بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «ئىراق ئەدلىيە تارماقلىرىمۇ ئامېرىكانىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسى ۋە ب د ت ئىراق ئالاھىدە ۋەكىلى جېنىن پلاسشېرت قاتارلىقلارنىڭ سېپىدىكىلەرنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشى، تەھدىتى ۋە بېسىمىغا ئۇچرىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتناشمايدىغانلىقى، ئەمما ھوقۇقىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
10 - ئۆكتەبىر ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، شىئە مەزھىپىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسەدىرگە قاراشلىق سەدىر گۇرۇھى، 329 كىشىلىك پارلامېنتتا 73 ئورۇندۇققا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان، تەقەددۇم بىرلەشمىسى 37 ۋەكىل بىلەن ئىككىنچى، قانۇن دۆلىتى بىرلەشمىسى 33 ۋەكىل بىلەن ئۈچىنچى بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى 40 تىن ئارتۇق نىشاننى ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلىدى.