مالايشىيادىكى كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 47 گە يەتتى
مالايشىيادا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 47 گە يەتتى.
1752872

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Asian News International» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايشىيادا 17- دېكابىرغىچە 3 كۈن داۋاملاشقان يامغۇردىن كېيىن، نۇرغۇن رايونلارنى سۇ بېسىپ كەتكەن.
ساقچى دائىرىلىرى كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 47 كە يەتكەنلىكىنى، يوقاپ كەتكەن 5 كىشىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆپىنچىسى پاخاڭ ئۆلكىسىدىن بولۇپ تەخمىنەن 33 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
ھۆكۈمەت يامغۇردىن ئىلگىرى زۆرۈر بولغان ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېلان قىلماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىنماقتا.