ئامېرىكا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كوۋىد – 19 نىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقا ۋە رايوندىكى يەتتە دۆلەتكە قارىتا يولغا قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى 31 – دېكابىردىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1752505
ئامېرىكا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتى ئومىكرون سەۋەبىدىن 7 ئافرىقا دۆلىتىگە قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىكەن.

ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى ئامېرىكادا تېز تارقىلىپ، ئاساسلىق ۋارىيانتقا ئايلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەمەلدارلار، نۆۋەتتە بۇ چەكلىمەنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ جەنۇبى ئافرىقا، بوتسۋانا، زىمبابۋې، نامىبىيە، لېسوتو، ئېسۋاتىنى، موزامبىك ۋە مالاۋىغا قويغان ساياھەت چەكلىمىسى 31 - دېكابىردىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىكەن.

چەكلەش دائىرىسىدە، ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ئاھالىسى بولمىغان كىشىلەر بۇ دۆلەتلەردىن ئامېرىكاغا بارالمايتتى.

بايدىن 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر