ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1752509
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاشىنيان يېقىندا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىكى گۇرۇپپىسىنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قىزغىن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاشىنيان بىر مۇخبىرنىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ياكى – قىلمايدىغانلىقى  توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئەرىۋاننىڭ قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى، دۆلىتىنىڭ يېڭى مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ كۇيىدا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر