يەمەننىڭ مەغرىب ۋىلايىتىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە قىسمى يەمەننىڭ مەغرىب ۋىلايىتىدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

1751962
يەمەننىڭ مەغرىب ۋىلايىتىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب بىرلەشمە قىسمى، دۆلەتنىڭ مەغرىب ۋىلايىتىدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 310 قوراللىق ھۇسىينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەرەب بىرلەشمە قىسمىنىڭ باياناتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە يەمەننىڭ مەغرىب ۋىلايتىدە ھۇسىيلارغا قارشى 36 ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتلەردە 310 قوراللىق ھۇسىينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 28 ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەمما، ھۇسىيلار تەرەپ بۇ توغرىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن تارتىپ پايتەخت سانائا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلى مارتتىن باشلاپ ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر