ئىتالىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتتى

ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ تېز كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

1752081
ئىتالىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە قايتىدىن يولغا قويۇلغان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، ئۈستى ئوچۇق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەر كۆپ توپلىشىدىغان جايلاردا يىغىلىش ياكى كىشىلەر توپلىنىدىغان نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈش، ھەر خىل تەبرىكلەش ۋە بەزمىخانا پائالىيەتلىرى 2022-يىلى 31-يانۋارغىچە چەكلەندى.

بۇلاردىن باشقا، ئوچۇق جايلاردىمۇ ماسكا تاقاش مەجبۇرىي يولغا قويۇلدى. نۇرغۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە، مېترو، ئاپتوبۇس قاتارلىق شەھەر ئىچى ئاممىۋى قاتناشلاردا «Ffp2» تىپلىق ماسكا تاقاش مەجبۇر قىلىندى. تىياتىرخانىلاردا، كىنوخانىلاردا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدە ۋە ئۈستى يېپىق جايلاردا تاماق يىيىش مەنئى قىلىندى.

ئىتالىيەدە ياز ئايلىرىدا ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەر ئۈچۈن چىقىرىلغان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغانلارغا بېرىلىدىغان «يېشىل كارت» نىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى، مەزكۇر قارارنامە بىلەن 2022-يىلى 1-فېۋرالدىن تارتىپ توققۇز ئايدىن ئالتە ئايغا چۈشۈرۈلدى.

مۇزېيى، كۆرگەزمە، تەنتەربىيە زاللىرى، قەھۋەخانىلار، ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ماكانلىرى، ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركەزلىرى، لاتارىيە مەركەزلىرى ۋە ئويۇنخانىلار بىلەن بەزى رېستورانلارغا كىرىش ئۈچۈن يېشىل كارت شەرت قىلىندى.

ئىتالىيە ھۆكۈمىتى بۇ رامكىدا، دۆلەتكە كىرىش-چىقىش كونتروللىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئايرودۇرۇملار، پورتلار ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك خادىملىرىغا كىشىلەرنى خالىغانچە تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان كىشىلەر 10 كۈن كارانتىن قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر