ب د ت ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تالىبانغا پۇل تۆلىمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تالىباندىن پۇل بەدىلىگە ئافغانىستاندىكى خادىملىرى ۋە ئىشخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

1751414
ب د ت ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تالىبانغا پۇل تۆلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى فارخان ھەق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «ب د ت بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن تالىبانغا 6 مىليون دوللار بەردىمۇ- بەرمىدىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ب د ت ئافغانىستاندىكى ئەمەلىي ئورگانلاردىن ھەر خىل بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇ سىستېما خادىملىرىمىز ۋە تۇرالغۇلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوشۇمچە بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان خادىملارغا تولۇقلىما ھەق ئۆتەيدۇ» دېدى.

فارخان ھەق ئەمەلىي ئورگان دەپ ئاتىغان تالىبانغا زادى قانچىلىك پۇل تۆلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

نورمال ۋەزىيەتلەردە ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فارخان ھەق، لېكىن بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى قىيىن خىزمەت شارائىتى ۋە ئافغانىستان دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى چەكلىك مۇلازىمەتلىرى سەۋەبىدىن ب د ت نىڭ يېقىندىن بېرى بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئۈچۈن قۇشۇمچە خامچوت ئايرىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر