ب د ت ترابلۇسنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ لىۋىيەنى قوللاش ئەترىتى، تۈنۈگۈن پايتەخت ترابلۇستا يۈز بەرگەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىش خەۋپى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

1750880
ب د ت ترابلۇسنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت لىۋىيەنى قوللاش ئەترىتى، ترابلۇسنىڭ بەزى جايلىرىغا ھەربىي قىسىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىر قىسىم كوچىلارغا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرگۈزۈلمەسلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

پايتەختتىكى بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن باياناتتا: «ب د ت لىۋىيەنى قوللاش ئەترىتى، ترابلۇستىكى بىخەتەرلىككە ئالاقىدار داۋاملىشىۋاتقان تەرەققىياتلاردىن ئەندىشە قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، لىۋىيەدىكى بارلىق ئاكتىپ تەرەپلەر «ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سايلاملارنىڭ بىخەتەر مۇھىتتا ئۆتكۈلۈشىگە پايدىلىق خىزمەتلەرگە تۆھپە قوشۇشقا» چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر