ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مەسلىھەتچىلىرى رۇسىيەنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

كرېمىلنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ (Yuriy Uşakov) ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان (Jake Sullivan) بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ناتوغا ئەۋەتكەن بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1750187
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مەسلىھەتچىلىرى رۇسىيەنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى- كرېمىل باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ كرېمىلنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋنىڭ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن ناتوغا ئەۋەتكەن ھەر خىل بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كۆرۈشۈشنىڭ «ئەمەلىيەتچىل» ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىككى مەسلىھەتچى داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.»

كرېمىلنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ 15-دېكابىر (2021) رۇسىيەنىڭ ھەر ىىل بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ناتوغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17-دېكابىر ئامېرىكا بىلەن ناتوغا، ئىككى ئايرىم كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كرېمىل باياناتچىسى پېسكوۋ بۇ مەسىلىدە ھازىرغىچە «كونكرېت جاۋاب» نىڭ كەلمىگەنلكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر