ئەنگلىيەدە «پاناھانغۇچىلارغا قارشى قانۇن لايىھەسى» گە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا «پاناھانغۇچىلارغا قارشى قانۇن لايىھەسى» سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن «دۆلەت تەۋەلىكى ۋە چېگرالار قانۇن لايىھەسى» گە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1749900
ئەنگلىيەدە «پاناھانغۇچىلارغا قارشى قانۇن لايىھەسى» گە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندوندا نامايىشچىلار 10-نومۇرلۇق باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن دۆلەتكە قانۇنسىز ھالدا كىرىشنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە باش ۋەزىر بورىس جونسونغا قارشى «پاناھلانغۇچىلارنى قارشى ئالىمىز»، «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق يوق، چېگرا يوق»، «بۇ قانۇن لايىھەسى بىزنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىمىزغا خىلاپ» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شوئارلارنى توۋلىدى.

«دۆلەت تەۋەلىكى ۋە چېگرا قانۇن لايىھەسى» دە، قانۇنسىز يوللار بىلەن ئەنگلىيەگە كەلگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەيىبلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەلگىلىمىلەر بار.

بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى بىر ماددا پاناھلانغۇچىلارنى ئېلىپ يۈرگەن كىچىك پاراخوتلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلغان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ لايىھە تەستىقلانغان تەقدىردە، پاناھلانغۇچىلارنىڭ پاراخوتلىرىغا قىلىنغان مۇداخىلىلەرنىڭ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر