ياپونىيەدە بىر شىپاخانىغا ئوت كەتتى

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە بىر شىپاخانىغا ئوت كېتىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1748912
ياپونىيەدە بىر شىپاخانىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىتاشىنچى رايونىدىكى ياپونىيە تۆمۈر يوللىرى ئوساكا ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى شىپاخانىغا ئوت كەتتى.

شۇ يەر ۋاقتى 10:20 ئۆتكەندە تاپشۇرۇۋېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ئوتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋالدى.

ۋەقەدە 17 ئەر، 10 ئايال بولۇپ جەمئىي 28 ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىدا، ھازىرغىچە ئوت كېتىش ۋەقەسىدە بەش ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئوساكا ئىشتاتىنىڭ ساقچى ئورگانلىرى ئوتنىڭ 60 ياش ئەتراپىدىكى بىر ئادەمنىڭ قەغەز سومكىدىن ئېقىپ كەتكەن سۇيۇقلۇقتىن  كېلىپ چىققانلىقىنى، ئوت قويۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىپاخانىنىڭ پىسخىكىلىق داۋالاش خىزمىتى بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر