ئامېرىكادا يۈزدىن ئارتۇق ئەسكەر ئارمىيەدىن قوغلاندى

ئامېرىكادا يۈزدىن ئارتۇق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى، جو بايدىننىڭ ۋاكسىنا قانۇنىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئارمىيەدىن قوغلاندى.

1748896
ئامېرىكادا يۈزدىن ئارتۇق ئەسكەر ئارمىيەدىن قوغلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا يۈزدىن ئارتۇق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى، جو بايدىننىڭ ۋاكسىنا قانۇنىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئارمىيەدىن قوغلاندى. ئەسكەرلەرنىڭ دىنىي سەۋەبلەر بىلەن كەچۈرۈم تەلىپى بولسا، رەت قىلىندى.

دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى «مارىن كورپس تايمېس» ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتى بىلەن، بۇنى توغرىلىدى.

دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ باياناتچىسى مىڭبېشى (مايور) جىم ستېنگېر (Jim Stenger) ژۇرنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تىببىي ۋە مەمۇرىي سەۋەبلەر بىلەن 1 مىڭ 7 ۋاكسىنا كەچۈرۈمى بېرىلگەنلىكىنى، ھازىرغىچە 2 مىڭ 836 دىنىي كەچۈرۈم تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنگىچە بىر ئەسكەرگىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى مەسىلىسىدە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن كەچۈرۈم بەرمىگەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ، قالغان 300 ئەسكەرنىڭ ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېتىشى كۈتۈلمەكتە.

ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ئەملىتىشى ياكى ئىلتىماس سۇنۇشى ئۈچۈن 28-نويابىر (2021) غىچە ۋاقىت بېرىلگەن ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە تەخمىنەن 27 ئەسكەر ۋەزىپىسىدىن توختىتىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر