بۇرنسنىڭ بېيجىڭ باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىنىشى تەستىقلاندى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ دىپلومات نىكولاس بۇرنسنى بېيجىڭ باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەش قارارنامىسىنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتاسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇشتا، بۇرنىسنىڭ نامزاتلىقى، 18 گە قارشى 75 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.
ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بۇرنىس، 2005-2008-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى بولغانىدى.
تەجرىبىلىك دىپلومات بۇرنىسنىڭ بېيجىڭ باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا خىزمەت قىلغان سىياسەتچى باش ئەلچىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر شەخسنىڭ باش ئەلچىلىككە تەيىنلىنىشى، تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىنماقتا.
پىرېزىدېنت بايدىن، 21-ئاۋغۇست كۈنى، بۇرنىسنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.