ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 2021-يىلنىڭ ئاخىرقى يىغىنى ئۈچۈن توپلاندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى 2021-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىغىنى ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا توپلاندى.

1748562
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 2021-يىلنىڭ ئاخىرقى يىغىنى ئۈچۈن توپلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز (Olaf Scholz) ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نىھامېر (KarlNehammer) ۋە شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالىنا ئانداشون (Magdalena Andersson) قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ مەزكۇر يىغىنغا تۇنجى قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىر كۈن بويىچە داۋاملىشىدىغان يىغىندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى پائالىيەتلىرى، بېلارۇسىيە ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيە باھالىرى ۋە پۇل پاخاللىقى قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇكرائىنانى قوللاش توغرىسىدا سىگنال بېرىلدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز ئۇكرائىنا چېگرالىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «چېگرالارغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ياۋروپا تىنچلىقىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم جاكارلايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، چېگرالارغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەممە ئىشنى قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىمىز» دېدى.

رۇسىيەگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىتاناس ناۋسېدا (Gitanas Nauseda): «قولىمىزدىكى  بىلەن ئەڭ ناچار سېنارىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ ناچار سېنارىيە بولسا، ئۇكرائىنا زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىدۇر» دېدى.

يىغىندا يەنە، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە مەسىلىلىرى، يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى-ناتو ئورتاق خىتابنامەسى، 2022-يىلى ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئافرىقا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر