ئىران يادرو سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باكىرى تۋىتتېردا ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيتېننادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرەچى ئەلى باكىرى ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرىدە، تەرەپلەر بىر-بىرىگە ئۆزئارا يول قويغان ئەھۋالدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئەلى باكىرى يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ ھەم مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇزاكىرەچىلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا جىددىي تۈردە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەيئەت باشلىقلىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ: «مۇتەخەسسىسلەر كېلىشىم لايىھەسى ئۈستىدە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە كۈندىكى ئىلگىرىلەشلەر، ھەممە سەمىمىي ھالدا بىر-بىرىگە يول قويغان ئەھۋالدا ئىلگىرىلەش مۇمكىن بولىدۇ» دېدى.
ئىران يادرو كېلىشىمىنى قايتىدىن تولۇق مەنىدە ئىجرا قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە قايتىشى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشلار، ئارىدىن تەخمىنەن بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، 2021-يىلى 29-نويابىردا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر مۇئاۋىن باش كاتىبى ۋە سىياسىي دىرېكتورى ئېنرىكۇ مورا (Enrique Mora) نىڭ باشچىلىقىدا، رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئاۋستىرىيە پايتەىتى ۋىيېننادا باشلانغان ئىدى.
تەرەپلەرنىڭ كېلىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن تەخمىنەن بىر ھەپتە توختىتىپ قويۇلغان سۆھبەتلەر، 2021-يىلى 9-دېكابىر قايتىدىن باشلانغان ئىدى.
ئىران ۋە ياۋروپالىق دىپلوماتلار ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.