ئامېرىكا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشى ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

1748301
ئامېرىكا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا دۇنيا مىقياسىدا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن بىر ئورگان تەسىس قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىنىشى مەزمۇن قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۇنجى بېشىغا ياغلىق ئارتىدىغان مۇسۇلمان ئايال ۋەكىلى ئىلھام ئۆمەر سۇنغان «خەلقئارا ئىسلامغا دۈشەنلىكىگە قارشى كۈرەش قانۇنى» قانۇن لايىھەسى، ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە، 212 كە قارشى 219 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

ئىلھان ئۆمەر، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پەقەت سىياسىي كۈنتەرتىپلىرىگە ماس كېلىدىغانلىقى ئۈچۈنلا، بىزنى ئىرق، ئېتنىك، جىنس ياكى دىنىي گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ، بۆلۈنۈپ كېتىشىمىزنى كۆرۈشنى خالايدىغان كىشىلەر بار، ئەمما مەن، ئامېرىكا خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر خىل شەكىلدىكى مۇتەئەسسىپلىكلەرگە قارشى ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن.»

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا، دۇنيا مىقياسىدا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن بىر ئورگان تەسىس قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كۈتۈلۈۋاتقان بۇ قانۇن لايىھەسى، بۇ يەردىمۇ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدۇ.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، بايدىننىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر