ئامېرىكا: ئافغانىستانغا «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسى ئىئانە قىلىمىز
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى توماس ۋېست، دۆلىتىنىڭ ئافغانىستانغا قوشۇمچە 1 مىليون قۇتا «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېست، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسىدىن يەر شارىۋى بەھرىمەن بولۇش پىروگراممىسى (COVAX) دائىرىسىدە، ئافغانىستانغا يەنە 1 مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل ئافغانىستانغا ئەۋەتىلگەن «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسى مىقدارىنىڭ 4 مىليون 300 مىڭ قۇتىغا يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ياردەمنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستانغا بۇ يىل قىلغان 474 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئىلاۋە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەمىشە ئافغانىستان خەلقى تەرەپتە تۇرىمىز.»
خىتايمۇ سىنوفارم شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 800 مىڭ قۇتا ۋاكسىنىنى ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستانغا ئەۋەتكەنىدى.