بايدىن كېنتاكى ئىشتاتىدا تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار  بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن 10 – دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان ۋە 74 كىشى قازا قىلغان كېنتاكى ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولۇپ، تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى.

1748362
بايدىن كېنتاكى ئىشتاتىدا تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار  بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، ئالدى بىلەن، كېنتاكى ئىشتاتىنىڭ مايفېلد رايونىنى زىيارەت قىلدى، ئاندىن، بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە % 75 ى ۋەيران بولغان داۋسون سىپرىڭس رايونىغا ئۆتتى.

زىيارىتى ئەسناسىدا تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەن بايدىن، يەرلىك دائىرىلەردىنمۇ ئاپەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، 10 – دېكابىر كېچىسى يۈز بەرگەن بوران - چاپقۇن ئاپىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پالاكەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى،  بوران – چاپقۇنلارنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى، تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ««ئەمما سىلەر بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن چوقۇم ئۆتىسىلەر ۋە  جەمئىيىتىڭلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىسىلەر، بىزمۇ سىلەرگە تېگىشلىك ياردەملەرنى بېرىمىز.»

10 – دېكابىر كېچىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 6 ئىشتاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بوران - چاپقۇن ئاپىتى جانغا زامىن بولغان ۋە ئېغىر تالاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

بوران – چاپقۇ ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان  كېنتاكى ئىشتاتىدا، 2 ئايلىق بىر بوۋاقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر