گېرمانىيەدىكى تۈرك ۋە ئېرىتىرېيەلىك ياشلار ھەمكارلىشىپ ياردەم پائالىيىتى ئېلىپ باردى
گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىدىكى تۈرك ياشلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان لىبرا جەمئىيىتى بىلەن ئېرىتېرىيەلىك ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئامانەت جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ كوچىلاردا ياشايدىغان سەرگەردانلارنى كىيىم- كېچەك ۋە يېمەكلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى.
1747615
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرانكفورت مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئورگىنى چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىرقچىلىق، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە چەتكە قېقىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققان «دېموكراتىيە ئۈچۈن كۆچمەنلەر تەشكىلاتلىرى تورى»غا ئەزا ئۇيۇشما ۋە پۇقرالار ھەرىكەتلىرى ئۆي – ماكانسىزلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى.
لىبرا جەمئىيىتى باشلىقى جەم ئاسلانتاش يۇقۇم مەزگىلىدە كىشىلەرنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشنى خالىمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، 50 لىبرا پىدائىيسىنىڭ فرانكفورت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خەير - ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردەملىرى بىلەن ئېلىنغان چاپان، دوپپا، يۇڭ پايپاق، شارپا، ئىچ كىيىم، پەلەي، ئۆتۈك، ئەدىيال قاتارلىقلار نەرسىلەرنى ئۆي – ماكانسىز كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
قاتار غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى جاكارلىدى.