ئامېرىكادا بىر دەپنە مۇراسىمىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدا دەپنە مۇراسىمىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا، بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 13 ئادەم يارىلاندى.

1747135
ئامېرىكادا بىر دەپنە مۇراسىمىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېكساس ئىشتاتىنىڭ خوستون شەھىرىدە، بىر دەپنە مۇراسىمىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ھۇجۇمدا، 20 ياشلىق بىر ئايال جېنىدىن ئايرىلدى، 13 ئادەم يارىلاندى. يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش ئاستىغا ئېلىندى.

تۋىتتېردا ئېلان قىلىنغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا، جىنايەتچىنىڭ مۇراسىمغا ئاپتوموبىل بىلەن كېلىپ، ئەتراپقا قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقى ۋە ئارقىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇم سەۋەبىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر