ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا  ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى.

1747066
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكتورىيە نۇلاند، ئىسرائىلىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر بارلېۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، بولۇپمۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

ئىسرائىلىيەدىكى ساقچى ئىشلىرى مەسئۇلى بارلېۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكتورىيە نۇلاند بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچرىشىشتا، نۇلاندنىڭ، «يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، رايونلۇق سۈركىلىشنىڭ ئازايتىلىشى ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچەيتىلىشى» قاتارلىق تېمىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەدە ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىشىنىڭ، رايونلۇق سۈركىلىشنى ئازايتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ غەززەنىڭ سىرتىدا ئورتاق سانائەت رايونى قۇرۇش قاتارلىق لايىھەلەرنى قوللىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى، قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆكتەبىردە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەلخەلىل شەھىرىدىكى قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر