نورۋېگىيەدە  كوۋىد-19 غا قارىتا يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى

نورۋېگىيەدە ھۆكۈمەت كوۋىد-19 بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

1747094
نورۋېگىيەدە  كوۋىد-19 غا قارىتا يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر جوناس گاھىر ستور مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۈگۈن (2021-يىلى 14-دېكابىر) يېرىم كېچىدىن ئېتىبارەن كوۋىد-19 غا قارىتا يېڭى چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

گاھىر ستور بۇ چەكلىمىلەرنىڭ دەسلەپتە 4 ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، رېستوران ۋە قاۋاقخانىلاردا ھاراق سېتىشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ۋە كىشىلەرنى ئۆيدىن ئىشلەشكە تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيە ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دەپنە مۇراسىملىرىغا قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ 50، باشقا يىغىنلارغا قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ 20 ئادەم بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يېپىق جايلاردا ماسكا تاقاشنىڭ مەجبۇرىي بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، ئۆيلەردىمۇ 10 كىشىنىڭ بىر مېتىر ئارىلىق تاشلاپ ئولتۇرۇشى كېرەكلىكى، روژدېستۋا بايرىمى مەزگىلىدە 20 دىن ئارتۇق مېھمان قوبۇل قىلماسلىق لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.  

ئۇندىن باشقا يەنە، كوۋىد -19 ۋاكسىناسىنىڭ 2- ۋە 3-قېتىملىقى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتنىڭ 4.5 ئايغا قىسقارتىلغانلىقى، 45 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ 15- دېكابىرغىچە 3-قېتىملىق ۋاكسىناسىنى ئەملىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر