ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ نورۋېگىيە مەركىزىي بانكىسى باشلىقىغا نامزات بولدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ناتودىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دۆلىتى – نورۋېگىيەنىڭ مەركىزىي بانكىسى باشلىقى بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى.

1747434
ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ نورۋېگىيە مەركىزىي بانكىسى باشلىقىغا نامزات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى — NTB، نورۋېىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەركىزىي بانكا باشلىقلىقى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان 22 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى؛ تىزىملىكتە بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەككىز يىلدىن ئارتۇق نورۋېگىيە باش مىنىستىرى، تۆت يىل نورۋېگىيە مالىيە مىنىستىرى بولغان، قوشۇمچە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ئىسمىنىڭمۇ 22 كىشىلىك مەزكۇر تىزىملىكتە بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

NTB نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ستولتېنبېرگ، مەركىزىي بانكا باشلىقلىقىغا نامزات بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈردى.

ئارقا – ئارقىدىن ئىككى باسقۇچ ناتو باش كاتىپى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن يېنس ستولتېنبېرگنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2022 – يىلى 10 - ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ. يېڭى باش كاتىپنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئىسپانىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا مۇئەييەنلىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر