ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدە 7.3 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى

ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات ئورگىنى (USGS) يەر تەۋرەشنىڭ 7.3 بال بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1747137
ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىدە 7.3 بال يەر تەۋرەش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ فلورېس ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:20 دە يەر يۈزىدىن 18.5 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلەن قىلىندى.

ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەتنى ئازايتىش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇل مۇھارى رايوندا يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈك ھېس قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇل مۇھارى: «ھازىرچە ھېچقانداق زىيان ئۇچۇرى يوق، ئەمما ئىنكاس گۇرۇپپىلىرى ئۇچۇر توپلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي سۇلاۋېسى رايونىدا يانۋاردا 6.2 بال يەر تەۋرىگەن ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر