ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى توپىلاڭچى تىگراي تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى توپىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فرونتى (TPLF) تەرىپىدىن ئىگىلىۋىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋولدىيا-مېكېللې يولىنى قايتىدىن كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى.

1746230
ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى توپىلاڭچى تىگراي تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بەردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، توپىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فرونتى (TPLF) غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە رايوندىكى نۇرغۇن يېزىلارنىڭ تەشكىلاتتىن تازىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ھەرىكەتتە ۋولدىيا-مېكېللې يولىنىڭ كونتروللۇقى قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى ۋە  توپىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فرونتى تەشكىلاتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئارمىيەنىڭ ھەربىي  ھەرىكەتلىرىدە تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى ھەمبەھىرلەندى.

كونتروللۇقى قايتۇرۇپ ئېلىنغان يېزىلار ئىچىدە ئارجۇ، فوكىسسا ۋە بورېن قاتارلىقلارمۇ بار.

شىمالدىكى قوزغىلاڭچىلار تىگرايدىن كېيىن ئامخارا ۋە ئافار ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

گەرچە ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى ئىشغال قىلىنغان نۇرغۇن يەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر