گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىدا خىتايغا قارشى بىرلىشىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك 7 دۆلىتىدىن تەشكىل قىلغان گ7  دۆلەتلەر گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 12-دېكابىر) ئەنگلىيەنىڭ لىۋېرپۇل شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1746224
گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىدا خىتايغا قارشى بىرلىشىش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى
g7.jpg
g7.jpg
g7.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى ئۇكرائىنا-رۇسىيە چېگراسىدىكى يىرىكچىلىك بولىدۇ.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا ساھىبخان ئەنگليەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇس رۇسىيەگە، خىتايغا ۋە ئىرانغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇس يىغىندىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى مەسئۇل رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي خىرىسىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

بلىنكېن يەنە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

بلىنكېن بىلەن ھاياشى ئىككى تەرەپلىك ئىتتىپاقنىڭ خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا كۇنسېرى ئېشىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە شۇنداقلا شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە قارشى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى تۈزدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، ئەنگلىيە ۋە كانادا خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە بولسا، بايقۇت قىلىشقا قارشى چىقتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر