لىۋاندىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرىدا پارتلاش يۈز بەردى

لىۋاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سۇر شەھىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر تۇرۇۋاتقان «بۇرجۇششىمالى» مۇساپىرلار لاگېرىدىكى قورال - ياراغ ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1746068
لىۋاندىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلار لاگېرىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — NNA، بۇرجۇششىمالى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر پەلەستىنلىك گۇرۇپپىغا تەۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى قورشاۋغا ئالغان لىۋان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، رايونغا بېرىپ – كېلىش يوللىرىنى پۈتۈنلەي تاقىدى، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

نە پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار، نە لىۋان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، لىۋاندىكى 12 پەلەستىنلىك مۇساپىلار لاگىرىنىڭ بىرى بولغان بۇرجۇششىمالى لاگېرىدا 20 مىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىر تۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر